خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-يانۋار چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەر ۋە گوۋۇيۈەن ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاڭجياڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئانا دەرياسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تايانچى. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئىتىنى ئويلىشىمىز، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، يېشىللىقتىن زور ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىساد ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز، ئانا دەريانىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشىمىز كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۈيجۇ، يۈننەنلەردىكى پارتكوملارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە گوۋۇيۈەن ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. سۆھبەت يىغىنىدا، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن جېڭسەي، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خەنجېڭ، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جىنىڭلار پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشى ۋە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇرۇپ، مۇزاكىرىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى