باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەنتكە چۈشكەن كادىر «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى(1)

2016.01.06 15:54   مەنبە: خەلق تورى

كەنتكە چۈشكەن كادىر «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋىرى) بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن 2-تۈركۈمدە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزا قۇشلۇق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇا جۇڭچاڭ سايباغ يېزىسىنىڭ قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى. 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇنجى «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەكتەپتىكى 380ئوقۇغۇچى، 20ئوقۇتقۇچى ھەم يېزا، كەنت مەسئۇللىرى، ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى. مۇراسىمدا خۇا جۇڭچاڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىپ، ۋەتەن، خەلققە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بەش يىلغىچە تارقىتىلىدىغانلىقىنى، ھەر يىللىق مۇكاپات سوممىسىنىڭ 11مىڭ يۈەن بولىدىغانلىقىنى، مۇكاپات مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە تۇنجى قېتىملىق «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقاتتى. مەكتەپنىڭ «قوش تىل»ئوقۇتۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچى روزىنىسا تۇرانىياز 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئۈچ مىڭ يۈەن، ئوقۇتقۇچى رىسالەت باقى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئىككى مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن؛ 12سىنىپتىن تاللاپ چىقىلغان 24نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ 12سى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 300يۈەندىن، 12سى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 200يۈەندىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. يېزا-كەنت مەسئۇللىرى ھەم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار خۇا جۇڭچاڭنىڭ ساخاۋىتىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدى. ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى مىننەتدارلىق سۆزى قىلدى. مەكتەپ مەسئۇللىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا مىننەتدارلىق لەۋھەسى تەقدىم قىلدى.

  قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزا قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى دىلبەر مەتناسىر (ئەر) مۇنداق دېدى: «خۇا جۇڭچاڭ ئەپەندىنىڭ ياردىمىدىن ئوقۇغۇچىلارمۇ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ بەك مەمنۇن بولدى، بىز مەكتىپىمىزنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى قوللىغان خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ھەم خۇا جۇڭچاڭ ئەپەندىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز، بىز چوقۇم «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ، خۇا جۇڭچاڭ ئەپەندىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمىز!»

  سۈرەتتە: «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى