باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يۈسۈپجان توختى 11 تەخسە لەغمەننى موك سوقتى

2016.01.06 14:59   مەنبە: خەلق تورى

يۈسۈپجان توختى 11 تەخسە لەغمەننى موك سوقتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرلىرى مۇھەممەد يۇنۇس، دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) 5- يانۋار چۈشتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ "يەنئەن" يولىدىكى "ھەرەمباغ" يىمەك - ئىچمەك ئاستانىسىنىڭ 4 - قەۋىتىدە 10 ماھىر ئالدىدا ئۈستى - ئۈستىلەپ تىزىلغان 200 قاچا لەغمەنگە خىرىس بىلەن قاراپ تۇراتتى. مۇسابىقە رېپېرىنىڭ "باشلاندى" دېيىشى بىلەن ماھىرلار ئالدىدىكى قاچىدىكى لەغمەننى شىددەت بىلەن يېيىشكە باشلىدى، ئوڭدىن 2 - رەتتە ئولتۇرغان يۈسۈپجان توختى ئىككى مىنۇتتا ئالتە قاچا لەغمەننى يەۋەتتى، ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان ياقۇپجان ئۈچ مىنۇتتا تۆت قاچا لەغمەننى يەۋەتتى، مۇسابىقە كەسكىن داۋاملاشماقتا...مەيداندىكىلەر ماھىرلارغا "داۋاملىق، غەيرەت قىلىڭلار" دەپ مەدەت بەرمەكتە...مۇسابىقە تۈگەشكە يەنە ئاخىرقى 30 سېكۇنتلا قالدى... يۈسۈپجان توختى قولىدىكى 11 - قاچىدىكى لەغمەننى يەپ بولۇپ، 12 - قاچىغا قول ئۇزىتىشىغا رېپېر "توختاڭلار" دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. مۇسابىقە ئاياغلاشتى. يەنە بىر مەيداندا بولسا قولى چىۋەر 10 ئايال لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسىغا چۈشكەنىدى. ماھىرلار شۇنداق تېز سۈرئەتتە كۆكتاتلارنى توغراپ، قورۇما قورۇپ، لەغمەننى ئېشىپ، سۇدىن سۈزۈپ، قاچىلارغا تەكشى بۆلۈپ چىقتى....

  چۈش سائەت 12 يېرىمدا مۇسابىقە تەشكېلىي كومىتېتى شۇ كۈنى شىنجاڭ بويىچە سەككىز مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن 2 - نۆۋەتلىك ھەرەمباغ "يىپەك يولى" لەغمەن بايرىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى ھەرەمباغ رېستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلگەن لەغمەن ئېتىش مۇسابىقىسىدە زۆرەم ئابدۇرېشىت بىلەن مەريەمگۈل تاماقنىڭ تەمى ۋە سۈپىتى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ 5 مىڭ يۈەندىن مۇكاپاتلاندى. ئۈرۈمچى مەيدانىدىكى لەغمەن يېيىشتا 11 قاچا لەغمەن يىگەن يۈسۈپجان توختى ئاۋات ھەرەمباغ رېستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە 15 قاچا لەغمەن يىگەن ئەمەتجان سەمەتكە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ 1 مىڭ يۈەن بىلەن، ئەمەتجان سەمەت 5 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ "ھەرەمباغ" يىمەك - ئىچمەك پاي چەكلىك شېركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى بۇرھان پەتتار مۇنداق دېدى: "بىر بەلباغ، بىر يول" ئىستراتېگىيەسىدە ئاپتونوم رايونىمىز زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتىۋالماقتا، شىنجاڭ يىمەك - ئىچمەكلىرىگە كۆپ خىل مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مەززىلىك تائاملار شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان داڭلىق نام - ئەمەل كارتىسىغا ئايلاندى. شېركىتىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىدى ئەنئەنىۋى يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى بىلەن ساغلام ئوزۇقلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىش، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىككە تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىرگە يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭدىكى مەززىلىك تائام __ لەغمەننى تونۇتۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن يىمەك - ئىچمەك ھەۋەسكارلىرىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈندۇر. بۈگۈن شىنجاڭ بويىچە سەككىز مەيداندا 80 ماھىر ئالتە مىنۇتتا لەغمەن يېيىشتا، 20 ماھىر 15 مىنۇتتا لەغمەن ئېتىشتا مۇسابىقىلەشتى.

  سۆرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى