جۇڭگو پوچتا ئىشلىرى ئىدارىسى 2016-يىلى 5-يانۋاردىن باشلاپ مايمۇننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئالاھىدە بىر يۈرۈش پوچتا ماركىسىنى تارقاتقان بولۇپ، باھاسى 2.40 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ پوچتا ماركىسى دۆلىتىمىزنىڭ 4-قېتىملىق مۆچەل پوچتا ماركا ئەسىرى بولۇپ، بۇ، بۇ پوچتا ماركىسىنى لايىھەلىگۈچى خۇاڭ يۇڭيۈنىڭ 36 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم پوچتا ماركىسى لايىھەلىشى ئىكەن.