خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ھىندىستان مانىپۇر ھۆكۈمىتى 4 -يانۋار مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 4-يانۋار كەچكىچە، يەر تەۋرەشتە ئاز دىگەندە سەككىز ئادەم قازا قىلدى، 50 نەچچە كىشى يارىلاندى، كەلگۈسىدىكى يەتتە كۈندە بارلىق مەكتەپلەر دەرس توختىتىدۇ.
4-يانۋار تاڭ سەھەر 4دىن 35مىنۇت ئۆتكەندە، مانىپۇرنىڭ مەركىزى يىنپارنىڭ غەربىدىكى29 كىلومېتر سايرام قۇرۇشتا 6.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 57 كىلومېتر، ھىندىستاننىڭ شەرقى شىمالنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە غەربىي بېنگال شتاتى، جاكخەندى شتاتىدا تەۋرەش سېزىمى بولغان. يەر تەۋرەشتە يىنپاردىكى نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، شۇ جايدىكى توك تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالغان. مانىپۇر ئۇنىۋېرسىتېتى يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىش مەركىزىدىكى ئالىملارنىڭ ئىېيتىشىچە، بۇ 60 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىككىنچى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئىكەن، 1957 - يىلى مانىپۇردا 7.3 بال يەر تەۋرىگەن ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى