خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:« ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش » سىياسىتىنىڭ 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ يېمەكلىك، ئويۇنچۇق، ئانا–بالىلارنىڭ داۋالىنىشى، بالىلار كىيىمى، ئائىلە ئاپتوموبىللىرى، تەربىيەلەش قاتارلىق ئانا-بالا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى يېڭى دولقۇننى كۈتىۋالدى. تەيۋەن بىلەن بىر دېڭىز ئايرىلىپ تۇرغان فۇجىيەنمۇ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ كېڭىيىش مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. سۈرەتتە: داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىملىرى يېڭى توغۇلغان بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە.(مەلىكەم)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى