باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كانادالىق ئەر ئۈزۈكنى 30مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە چىقىرىپ رومانتېك توي تەكلىپى قويدى(1)

2015.12.31 13:14   مەنبە: خەلق تورى

كانادالىق ئەر ئۈزۈكنى 30مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە چىقىرىپ رومانتېك توي تەكلىپى قويدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 24-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلار دائىم «ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئاسماندىن ئېگىز» دېگەندەك رومانتىك قەسەملەرنى قىلىشىدىكەن.كانادانىڭ كالگارىي شەھىرىدىكى شاۋن رايت يېقىندا بۇ قەسەمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىر تال ئۈزۈكنى ئىسسىق ھاۋا شارىغا باغلاپ 30مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە چىقىرىپ، قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويغان.

  تەبئىي پەندىن ئاز تولا خەۋىرى بار رايت ئۆزى بىر يۈرۈش قۇرۇلمىنى قۇراشتۇرۇپ، ئۇزاق ۋاقىت يىغقان پۇلىغان ئالغان ئۈزۈكنى بىر گۈرجەكنىڭ ئۈستىگە باغلاپ، ئىسسىق ھاۋا شارىغا مۇقىملاشتۇرغان، ئىسسىق ھاۋا شارىدا يەنە GPSيول باشلاش، ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، Go-proئاپپاراتى بىلەن پۈتۈن جەرياننى سۈرەتكە ئېلىپ سىن قىلىپ ئىشلىگەن.

  سىندا ھاۋا شارى ئۈزۈكنى ئېلىپ ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ، يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 30مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا چىققان، ئاخىرىدا كالگارىي شەھىرىدىن تەخمىنەن 300كېلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا چۈشكەن.

  ئۇنىڭ قىز دوستى مارىيلىن ستوفېنسون سىننى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا ئۇنىڭ توي تەكلىپىگە قوشۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئىككىسى كېلەر يىلى بالى ئارىلىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى