خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەڭرىتاغ تېغىدىكى دەل - دەرەخ، جىلغا، دەريا، مۇزلۇقلارنىڭ ھەممىسىگە قېلىن قاردىن بىر قەۋەت پايانداز سېلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا ئاپپاق لىباسقا ئورالدى. دەرەخ شاخلىرىغا قونۇۋالغان قارلار شامالنىڭ ئىرغىتىشى بىلەن ئەتراپقا توزۇپ، سەھەردىكى قۇياش نۇرىدا رەڭگارەڭ ھەسەن - ھۈسەن بۇلۇپ جىلۋىلەندى. ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن تەڭرىتاغ تولىمۇ گۈزەل ۋە قۇدرەتلىك كۆرۈنەتتى،كىشى بۇ يەردە ئۆزىنى خۇددى چۆچەكلەردىكى گۈزەل، پارقىراق ۋە سۈزۈك، جىمجىت قار- مۇز دۇنياسىغا كىلىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى