خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە، قازاقچە قانىلى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «يېڭى يېپەك يولى، شانلىق 60 يىل» فوتوگرافىيە مۇسابىقىسىنىڭ باھالاش خىزمىتى ئاخىرلاشتى. توردا بېلەت تاشلاش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش قاتارلىق نۇرغۇن باسقۇچلار ئارقىلىق، ئۇيغۇرچە، قازاقچە قانالنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سۆرەتلىرى ئىچىدىن 20 پارچە ئەسەر تاللىنىپ چىقىپ، ئاخىرقى شەرەپكە نائىل بولدى.
مۇسابىقە مەنزىرە، ئۆرپ-ئادەت، پورترېت ۋە قەدىمىي ئىزلار قاتارلىق تۆت تۈر بويىچە ئەسەر يىغقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەنزىرە، ئۆرپ-ئادەت، پورترېت ۋە بالىلار تېمىسىدا 20 پارچە ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. باھالىغۇچىلار بىردەك، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر «يېڭى يېپەك يولى، شانلىق 60 يىل» تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى ئەكىس ئەتتۈردى، دەپ قارىدى.