خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىشتىكى قەشقەرنىڭ قەدىمىي شەھەر رايونىدا ھەر تەرەپتىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئازايغىلى خېلى كۈن بولدى. كونا شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىناق خاتىرجەم تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىبادەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ چايخانىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىۋاتقان بوۋايلار، ئىسسىق مېزىلىك تاماقلىرىنى كۆتۈرۈپ قوشنا-خولۇملىرىنى يوقلاۋاتقان ئاياللار، كۈن پاتقاندىمۇ ئۆيگە قايتقۇسى يوق، توپ تېپىشنى داۋام قىلىۋاتقان بالىلار بار. گىرەلىشىپ كەتكەن تار كوچىلار، ئېگىز-پەس قاتار كەتكەن ئۆيلەر بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ چوڭقۇر تارىخىنى خاتېرىلىگەن. ئاستا ئەمەس، تېزمۇ ئەمەس تۇرمۇش رېتىمىدا، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى كىشىلەر قىشتا تىنچ تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى