خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان 5400 كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى نۇرلۇق مەدەنىيەت مەيدانى 19-دېكابىر پۈتۈپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇ يېزىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.
سۈرەتتە: 19-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن نۇرلۇق مەدەنىيەت مەيداننىڭ پۈتكەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتدىن كۆرۈنۈشلەر.
مەنبە: خەلق تورى