خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھشىباغ يېزىسىدا 20-دېكابىر «مەن ئۆزۈمنىڭ تەشۋىقاتچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» تېمىسىدا مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچىلارنىڭ نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇسابىقىگە يېزا بويىچە 14 كەنتتىن كەلگەن 65 نەپەردىن ئارتۇق مۇنەۋۋر دېھقان تەشۋىقاتچىلار ۋە ئەل-ئىچى سەنئەتكارلار قاتنىشىپ، ئاممىغا يېقىن بولغان تىل ئارقىلىق ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى مىسال كەلتۈرۈش ھەم سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىن روھى، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىن روھى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتچىلىق ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى. مۇسابىقە ئاخىردا 10 نەپەر ماھىر ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: 20-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچىلارنىڭ نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈشلەر.
مەنبە: خەلق تورى