ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1984-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ نەشىر قىلىنىغان، 30 يىلدىن ئارتۇق زور تىرىشچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدە نۆۋەتتە بۇ گېزىتنىڭ تىراژى 116 مىڭغا، يىللىق ئېلان كىرىمى ئۈچ مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇ كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش ئون ياخشى گېزىت» شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئوقۇشچانلىقى، تىراژى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا چىقىدىغان گېزىتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
«100 كۈچلۈك گېزىت - ژۇرنال» نى باھالاشنى دۆلەتلىك ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش بولۇپ، مۇشۇنداق باھالاش ئارقىلىق بىرقەدەر كۈچلۈك جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ۋە بازار رىقابىتى ئىقتىدارىغا ئىگە مۇنەۋۋەر، داڭلىق ماركىلىق بىر تۈركۈم گېزىت - ژۇرناللارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرىدۇ ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. دۆلەتلىك ئاخبارات ـ نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ـ نەشرىيات مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللارنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن «100 كۈچلۈك گېزىت - ژۇرنال» قاتارىغا كىرگەنلەرنى مۇناسىپ تەقدىرلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ رايون، ۋە تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقىسى دۆلەتلىك ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ 2013- يىلىدىن بۇيان «100 كۈچلۈك گېزىت - ژۇرنال» نى 2- قېتىم باھالىشى بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر) لىك ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىدارىلىرى، مەركىزىي گېزىت - ژۇرنال باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەۋسىيە قىلغان 213 گېزىت، 292 ئىجتىمائىي پەن ژۇرنىلى، 189 پەن - تېخنىكا ژۇرنىلى بولۇپ، جەمئىي 694 گېزىت - ژۇرنال بۇ يىللىق باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان. ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى خىزمەتنىڭ ئادىل، باراۋەر بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىلمى باھالاش پىرىنسىپى، باھالاش تەرتىپى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن كېيىن، «100 كۈچلۈك گېزىت»، «100 كۈچلۈك ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلى»، «100 كۈچلۈك پەن -تېخنىكا ژۇرنىلى» باھالاپ چىقىلغان.