ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئازات سۇلتان تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا 3000دىن ئارتۇق گېزىت بار، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»(ئۇيغۇرچە)نىڭ مۇشۇ 3000دىن ئارتۇق گېزىت ئىچىدىن ئۈزۈپ چىققانلىقى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. مېنىڭچە، بۇ گېزىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدىكى ئۇچۇر قىممىتىنىڭ چوڭلۇقىدا، گېزىت دېمەك ئۇچۇر دېمەكتۇر، بۇ گېزىت پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئاممىغا يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەردىن ئاممىنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار قىلدى. ھازىر ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تارقىلىش جەھەتتە ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس، شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزا-بازارلىرىغىچە، كادىر-زىيالىيدىن سودىگەر-دېھقان-چارۋىچىغىچە، دىنىي زاتلارنى قاپلىدى. 16 بەتلىك، بىرەر يۈزدەك رەڭدار سەھىپىگە ئىگە، مول مەزمۇنلۇق بۇ گېزىت مۇشتەرىلەرنىڭ بىرىنچى تاللىشىغا ئايلاندى.