خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 4كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلاندى. ئاسىيا چېمپىيونى جۇڭگو گۇاڭجوۋ خېڭدا كۇلۇبى ئوتتۇرا-شىمالىي ئامېرىكا چېمپىيونى مېكسىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقە بىردە بىر نەتىجە بىلەن تەڭلەشكەندىن كېيىن، تولۇقلاپ بېرىلگەن ۋاقىت باسقۇچىدا خېڭدا كۇلۇبى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، 1گە قارشى 2نەتىجە بىلەن مېكسىكا كۇلۇبىنى يەڭدى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خېڭدا كۇلۇبى بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى