قار - قىش پەسلىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى، 8- دېكابىر ئالتاي شەھىرىدە قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ قېلىن قار ياغدى.قار ئۇچقۇنلىرى كېچىچە توختىماستىن لەپىلدەپ چۈشكەن بۇلۇپ، سەھەردە ئىشىكنى ئېچىپ قارىغاندا، قار ئۇچقۇنلىرى يەنىلا توختىمىغان، پۈتۈن جاھان ھەم ئاپئاق، ھەم يۇمشاق قار بىلەن قاپلانغان ئىدى. قېلىن قار بىلەن بۇ كىچىك شەھەر چۆچەكلەردىكى قار - مۇز دۇنياسىغا ئوخشاپ قالغانىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى