خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 8-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھاۋايدىكى 27 ياشلىق بەدەنگە گۈل چەككۈچى براين تاگالوگ تۇغما قولسىز بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ نورمال ئادەملەردەك ياشىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى. ئۇ قەيسەرلىك بىلەن ئىككى پۇتىدا ماشېنا، ئايروپىلان ھەيدەشنى ئۆگەنگەن، ھەتتا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بەدەنگە گۈل چېكەلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر پۇتىدا خىزمەت قىلىدىغان بەدەنگە گۈل چەككۈچى ئىكەن. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى