خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، childphotocompetition.com تورى ئۆتكۈزگەن خەلقئارا بالىلار ۋە ھايۋاناتلار فوتو سۆرەت مۇسابىقىسى يېقىندا ئاياقلاشتى، دۇنيا بويىچە نۇرغۇن دۆلەتتىكى مىڭدىن ئارتۇق فوتو سۆرەت ئەسىرى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى، پولشالىق فوتوگراف كارزىك كلېزىسنىڭ رەڭسىز فوتو ئەسىرى «ئەڭ نادىر بالىلار ۋە ھايۋاناتلار فوتو سۆرەت ئەسىرى» نامىغا ئېرىشتى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى