خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-دېكابر سائەت 15دىن 50مىنۇت 3 سېكۇنت ئۆتكەندە تاجىكىستاندا 7.4 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 30 كىلومېتىر بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان، نۆۋەتتە تالاپەت ۋە ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالى دوكلاتى تاپشۇرۋېلىنمىغان. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش قەشقەر تارماق ئەترىتى تېزدىن قەشقەر ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەڭ ئاۋۋال يەر تەۋرىگەندىن كېيىنكى زىيان ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلغان. قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ئاپتوموبىل ۋە جابدۇقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى