خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇسابىقىدىن بۇرۇن 76ئادەم كوماندىسى «فىلادېلفىيە ئوغلانى» كوبى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى تەييارلىدى. كوبىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەشقاۋۇلى گرېگ دوننېر ۋە 76ئادەم كوماندىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى ئوۋېن كوبى بىلەن قۇچاقلاشتى، 76ئادەم كوماندىسى يەنە كوبىغا ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىكى 24-نومۇرلۇق توپ كىيىمىنى تەقدىم قىلدى. نەق مەيداندىكى فىلادېلفىيە توپ مەستانىلىرى كوبىنىڭ ئىسمىنى توۋلىدى، ھەمدە « MVP » سادالىرىنى ياڭراتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى