خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 12-نويابىر چۈشكە يېقىن خوتەن شەھىرىنىڭ توساللا يېزىسىدىن قايتىش يولىدا يولدا موتۇتسېكلىتقا مىنگەن، دۈمبىسىگە يېشىل ۋە قىزىل رەڭدە 4 بۇرجەكلىك سومكا ئېسىلۋالغان ئىككى يىگىتنىڭ كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ يېنىمدىكىلەردىن ئۇلارنىڭ كىملىكىنى سورىدىم.
ـــ بۇلار خوتەن شەھىرىدە شۇنداقلا خوتەن ۋىلايىتىدە تۇنجى بولۇپ پولونى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرىشنى يولغا قويغان خوتەن «پولوچى» شېركىتىنىڭ خادىملىرى،- دېدى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ماھىرە مەمتىمىن ماڭا تونۇشتۇرۇپ.
چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەردە خوتەن شەھىرىنىڭ «خەلق» مەيدانى سېپىل يېنىدىكى «پولوچى» پولوخانىسىغا باردىم. 80 كۋادىرات مېتر كېلىدىغان دۇكانغا 12 ئۈستەل قويۇلغان بولۇپ، ئاشخانىسىنى ئەينەك ئايرىپ تۇراتتى، ئاشخانىدا 3 ئۇستام ئالدىراش پولو ئېتىۋاتاتتى، يەنە بىر ئۇستام تاماق قاچىسىغا پولو ئۇسىۋاتاتتى، ياندا بىر يىگىت تاماق قاچىلىرىنى توشۇش ساندۇقىغا سېلىۋاتاتتى.
ـــ بۇ ياق بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى ئابدۇخېلىل ئابدۇكېرىم بولىدۇ،- دېدى ماھىرە ماڭا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىرەيلەننى تونۇشتۇرۇشۇپ.
ئابدۇخېلىل بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىچكىرىدە قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى، ئىچكىرىدە يىمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، نۇرغۇن زەنجىرسىمان يىمەك – ئىچمەك تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ تاماقنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بېرىش مۇلازىمىتى قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر جەھەتتىن خېرىدارغا قولايلىق ئېلىپ كەلسە، يەنە بىر جەھەتتىن كارخانىغا مۇئەييەن قىممەت يارىتىدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن يۇرتىدىمۇ مۇشۇنداق بىر ئىش قىلىپ بېقىشنى ئويلاپ ئىنىسىنى مەخسۇس يىمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتىنى ئۆگىنىشكە بەرگەنلىكىنى،بۇلتۇردىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى بىلەن قاشتېشى سودىسىمۇ بۇرۇنقىدەك بولمىغاچقا ئۇنىڭ خوتەنگە قايتىپ كېلىپ يىمەك - ئىچمەك تىجارىتىنى باشلىغانلىقىنى بىلدىم.
ـــ خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خوتەندە يالغۇز بىرلا خىل تاماق تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، پولو تامىقىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چىقىرىشنى، ئاندىن ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش تىجارىتى قىلىشنى پىلانلىدىم. ئىچكىرىدى دوست – بۇرادەرلىرىمدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تاماقنى ئىسسىق ساقلىيالايدىغان توشۇش ساندۇقى، تاماق قاچىسى قاتارلىقلارنى ئۇقۇشتۇم. شۇنىڭ بىلەن بىلەن بۇ يىل 19 - يانۋار بۇ دۇكاندىكى تىجارەتنى رەسمىي باشلىۋالدىم،- دېدى ئابدۇخېلىل ئابدۇكېرىم ماڭا،- يىمەك – ئىچمەك كەسپى قىلچە ساختىلىق قىلىدىغان كەسىپ ئەمەس، كىچىككىنە بىر ھالقىدىن كەتسىڭىز بىراقلا نامىڭىز قارا بولىدۇ، بۇ ساھەدىن چېكىنمەككە ئامال يوق. شۇڭا خام ئەشيانى ياخشى تاللاش، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش مېنىڭ تىجارەتتىكى مۇھىم تۇتقان يولۇم بولدى.
ئابدۇخېلىل ئابدۇكېرىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بۇ يىل بېشىدا سىرتقا تاماق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىچكىرىدىن 1 مىليون دانە تاماق قاچىسى كىرگۈزگەن بولۇپ، يېڭى تىجارەت باشلىغاندا نۇرغۇن كىشىلەر تاماقنى يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنى بىلمىگەن، كېيىن بۇ مۇلازىمەت ئاستا – ئاستا تونۇلۇپ، خوتەن شەھىرىدە ناھايىتى قىزغىن قارشى ئېلىنغان. ھازىر ئائىلىلەرگە تاماق يەتكۈزۈپ بېرىشىتە توشۇغۇچىلار دەسلەپكى 2 كىشىدىن ھازىر 18 كىشىگە، كۈندۈلۈك توشۇلغان تاماق قاچىسىمۇ دەسلەپكى 30 نەچچىدىن ھازىر 800 گە يەتكەن. ئەڭ يىراققا توشۇلۇش ئارىلىقىمۇ 10 كلومېتردىن ئاشقان.
ـــ بىز يېڭى تىجارەتنى باشلىغاندا تاماقنى قازاندىن ئۇسۇپ، خېرىدارنىڭ ئىشىكىگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە 29 مىنۇت ۋاقىت بەلگۈلىگەن. ھازىر تىجارەتنىڭ كېڭىيىشى، خېرىدارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بۇنى ئۆزگەرتكىنىمىز يوق، ئۆزگەرگىنى دۇكان 2 بولدى، يېقىندا 3 – دۇكاننى زىننەتلەۋاتىمىز. زەنجىرسىمان دۇكان ئېچىش ئارقىلىق خېرىدارلارغا تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن «پولۇچى» نىڭ مېزىلىك پۇرىقىنى ھەربىر ئائىلىگە يەتكۈزىمەن،- دېدى ئابدۇخېلىل ئابدۇكېرىم ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.(شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى