نۇرغۇنلىغان ئورۇقلاشنى نىيەت قىلغانلار گەرچە ھەرخىل نازۇ-نېممەتلەرنى قانغۇچە يېگىسى بار بولسىمۇ، ئەمما ئامالسىز ساغلام بولغان كۆكتات سالاتنى يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى »نىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر ئايال بۇنداق ئۆزىنى ئازاپلايدىغان ئۇسۇلنى قوللانماي، بەلكى باشقىلار ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى دەپ قارالغان پىسسانى ئۇدا بىر ھەپتە يەپ، 2.25 كىلوگىرام ئورۇقلىغان.