باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جېڭجۇدىكى 16 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بانكا بۇلاش دېلوسى پاش قىلىندى جىنايەت گۇماندارى مىلياردېرغا ئايلانغان(1)

2015.10.28 15:05   مەنبە: خەلق تورى

جېڭجۇدىكى 16 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بانكا بۇلاش دېلوسى پاش قىلىندى   جىنايەت گۇماندارى مىلياردېرغا  ئايلانغان(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:27-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، جىڭجۇ ساقچى تەرەپ«1999-يىلى 5-دېكابر»يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور قوراللىق بانكا بۇلاش دېلوسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.1999-يىلى5-دېكابر سائەت 19دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، بەش نەپەر جىنايەت گۇماندارى جىڭجۇ شەھىرى خاڭخەي شەرقىي يولىدىكى جېڭجۇ ھەمكارلىق بانكىسى گۇەن چېڭ تارماق بانكىسى جۇڭيى دورىسى شەھەرچىسى توپ سېتىش بازىرى شۆبە ئىش بېجىرىش ئورنىغا قوراللىق بۆسۈپ كېرىپ، ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە بىر نەپەر بانكا پۇكەي خادىمىنى ئېتىپ يارلاندۇرغاندىن كېيىن 2 مىليون 80مىڭ يۈەن نەق پۇلنى بۇلاپ قېچىپ كەتكەن. بۇ يىل 4-ئايدا، جىڭجۇ ساقچى تەرەپ قايتىدىن دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى ماددىي ئىسپاتنى ئېلىپ، ھازىرىقى زامان جازا پەن- تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ گۇماندارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقتى. 21-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرغىچە، جىڭجۇ ساقچى تەرەپ نەچچە ئون ساقچى كۈچىنى توپلاپ جۇمادىيەن رايونغا بېرىپ 16 يىل قېچىپ يۈرگەن بەش نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى.

  بۇ 16 يىل جەريانىدا، گۇماندار شى موچۈن بۇلاڭچىلىق قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن پۇلدىن پايدىلىنىپ، ئۆي-زېمىن سودىسى، ئارامگاھ قاتارلىق تىجارەت بىلەن شۇغۇلىنىپ، مۈلكى مىليارددىن ئاشقان داڭلىق كارخانىچى بولغان.

  سۈرەتتە : 21-ئۆكتەبىر، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ ساقچى تەرەپ «1999-يىلى 5-دېكابر» پەۋقۇلئاددە زور قوراللىق بانكا بۇلاش دېلوسىدىكى قېچىپ يۈرگىنىگە 16يىل بولغان جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن نەق مەيدان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن
      ·مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەنە بەش يىل يارد…
      ·«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ» دېگەن يالغان خەۋەر 
      ·2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10 - ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
      ·2016 - يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى»ئېلان قىلىندى شىنجاڭغا 617 سان بېرىلدى
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ
      ·جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئامېرىكا ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى
      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ