شىنجاڭ«يىشىل »بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ھاياتلىق ئىلمى دوكتۇرى ھەسەنجان ئابدۇللا يىغىندا سۆز قىلدى
شىنجاڭ«يىشىل »بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ھاياتلىق ئىلمى دوكتۇرى ھەسەنجان ئابدۇللانىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقى نەچچە يۈز مىليون يىللار ئىلگىرى بىر چوڭ دېڭىز بولۇپ، 2008- يىلى شىركەتنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇملۇقتىن قۇملۇق ئالگاسىنى بايقىغان. تەتقىقات جەريانىدا قۇملۇق ئالگاسىنىڭ ياشاش مۇھىتى ئىنتايىن قۇرغاق، تېمپۇراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ، قۇياش نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك، تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى تۆۋەن بولۇشدەك شارائىتلار ئۇنىڭ ئالاھىدە بولغان بولغان ئوزۇقلۇق قىممىتىگە، شۇنداقلا قارشىلىق كۆرسىتىش ماددىسىنىڭ جانلىقلىقىنى يۇقىرى بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە قىلغان. تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىدىكى ھۈجەيرە ئۆستۈرگۈچى فاكتورCGF مىقدارىنىڭ دېڭىز ئالگاسىغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلىغان.
مۇراسىمدا تەيئەيتەي شىركىتى ھەسەنجان دوكتۇر ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى تەتقىقاتچىلارغا تون كىيگۈزۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئالىملارغا ۋە ئىلىم –پەنگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە ھەسەنجان دوكتۇر ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىلەرنىڭ ھەمكارلىق ۋە مۇستەھكەملىككە سىمۋول قىلىنغان ئىككى تەشتەك قۇملۇقتا ئۆسۈرگەن يۇلغۇن ۋە سامساقنى قۇبۇل قىلدى.