شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لېدىرى رىزۋانگۈل ئابلېز خانىم (ئوڭدا)مۇراسىم يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى
شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لېدىرى رىزۋانگۈل ئابلېز مۇنداق دېدى، «دۆلەتنىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» ئىسىتىراتىگىيەلىك پىلانىغا ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىغا، پەن-تىخنىكا تەرەققىياتىغا ۋە مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن، بىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر بۆلۈك مۇنەۋۋەر دوكتۇر تەتقىقاتچىلار رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭ« يېشىل» بىيو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن رەسمىي ھەمكارلىق ئورنىتىپ، «قۇملۇق يېشىل ئالگاسى» ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەل ساغلاملىقى يولىدا بوشاشماي ئىزدىنىمىز.بۇ بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ دۇنيا خەلقىگە سۇنغان ئەڭ ئېسىل سوۋغىمىز بولغۇسى.بىر تەيئەيتەيلىكلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سالامەتلىككە دائىر ئۇچۇرلارنى ئىزلەيمىز،بىز بۇ ئۇچۇرلارنى تاپقاندا، ئاندىن خەلقىمىزنى ئىزلەيمىز ،مانا بۈگۈنكىدەك !»