خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:25-ئۆكتەبىر، 2016-يىللىق ئەتىياز ۋە ياز جۇڭگو خەلقئارا مودا كىيىم ھەپتىلىكى بېيجىڭدا باشلاندى، بۇ قېتىمقى مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە 90دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل ماركىسى ۋە ئاپپارات، 73 نەپەر جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك لايىھىلىگۈچى ۋە 135 نەپەر يېڭىدىن يېتىلگەن كىيىم لايىھىلىگۈچى ئەڭ يېڭى ئەسەرلىرىنى ئېلىپ بۇ مودا كىيىم ھپتىلىكىگە قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا NE.TIGER
2016-يىللىق ئالىي دەرىجىلىك جۇڭگوچى كىيىم ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
سۈرەتتە: مودىللار NE.TIGER نىڭ ئەتىياز ۋە يازلىق جۇڭگوچى كىيىمنى كۆرسەتمەكتە. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى