خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 25–ئۆكتەبىر مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر مۇز توپ تۈرىگە قاتنىشىش سالاھىيەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مۇز توپ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، مۇسابىقىگە لياۋنىڭ، شاڭخەي، شياڭگاڭ قاتارلىق 8 ئۆلكە، شەھەر ۋە رايون كوماندىسى قاتناشتى. شۇ كۈنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە شياڭگاڭ كوماندىسى 7 : 5 نەتىجىدە خېنەن كوماندىسىنى يەڭدى.
سۈرەتتە: شياڭگاڭ كوماندىسى بىلەن خېنەن كوماندىسى مۇسابىقىدە
مەنبە: خەلق تورى