خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 22-ئۆكتەبىر باشلاندى، جۇڭگولۇق رېژىسسور خاۋ جې رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم« مېنىڭ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلىم» باھالاشقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ فىلىم بۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى فىلىم قاتارلىق مۇكاپاتلارنى تالىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. سۈرەتتە: رېژىسسور خاۋ جې (سولدا) ۋە بۇ فىلىمدە باش رول ئالغان باۋ بېيئېر(ئوڭدا)، سۇن يې (ئوتتۇرىدا) شۇ كۈندىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى