خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ مەي ئاتىسىنىڭ ئارزۇسىنى تاماملاش ئۈچۈن، تاراتقۇلار ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىدىن مۇتەخەس ئىزدەپ تەۋەررۈك ئاسما گىلەم ئۈستىدىكى سىرلىق يېزىقنىڭ مەنىسىنى يەشمەكچى بولدى. 2015-يىلى 4-ئاپرېل، ۋاڭ مەي ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتىسىنىڭ قولىدىن ئىپارخان ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان تەۋەرۈك ئاسما گىلەمنى ئالدى. كۆپ يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئاتىسى گىلەمنىڭ سۈرىتىنى ئىلىپ شىنجاڭ ئىچىدە ۋە بىيجىڭ، شىئەن، شاڭخەي، نەنجىڭ قاتارلىق ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ پىروففىسسورلىرى، مۇتەخەسسىسى، ئىلىم ئەھلى، ۋە نەچچە ئەۋلاد گىلەم سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەرگەبۇ يېزىقنى يېشىپ بېرىشكە مۇراجىئەت قىلغان. ئۇلار چوڭقۇر دىنىي بىلىمگە ئىگە، ئەرەپ يېزىقى، پارس يېزىقى، قەدىمكى تۈرۈك يېزىقى، قەدىمكى چاغاتاي يېزىقى قاتارلىق كۆپ خىل تىل-يېزىق ۋە تارىخنى ياخشى بىلسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئاسما گىلەم ئۈستىدىكى سىرلىق يېزىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە ئېيتىپ بېرەلمىگەن ئىدى. شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتسىمۇ سىرلىق يېزىق كەشتىلەنگەن ئاسما گىلەم قارىماققا تېخىمۇ يېڭى كۆرۈنەتتى، مەيلى رەڭگى ياكى ئۈستىدىكى يېزىق بولسۇن تولىمۇ ئېنىق ئىدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى