خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) خېففىڭتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا كانادالىق ئالەم ئۇچقۇچىسى كرىس خادفېلد «سەن بۇ جايدا: يەر شارىنى ئايلانغان 92مىنۇت» ناملىق يېڭى كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان، كىتابتا كرىس ئالەم بوشلۇقىدىن تارتقان يەرشارىنىڭ 150پارچە سۆرىتى كىرگۈزۈلگەن. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى 3-قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەندىن بۇيان ئۇ ئىزچىل تۋىتتىردا خەلقئارا ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ تارتقان سۆرەتلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يەرشارىنى ئايلىنىش نەزىرى بىلەن يەرشارىنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، 300مىڭغا يېقىن ئەگەشكۈچى توپلىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى