خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز، جۇڭگودىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى ــــ قۇرۇمتاغ دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى يېقىندا ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالدى. چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى بىردىنبىر دۇنياۋى گېئولوگىيە باغچىسى سۈپىتى بىلەن، قۇرۇم تېغىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر گېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى، يەر تەۋرەش خارابە ئىزلىرى، مۇزلۇق قىرغىقى يەر قىياپىتى بىلەن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك مۇزېي، ھەم دۇنياغا تۆھپە قوشقان بىردىنبىر گېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى بولۇپ قالدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى