خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ، ئارتىس بولغاندىن بۇيان ھۆسن تۈزەش گۇمانى ئاۋارىچىلىكگە ئۇچۇراپ كەلگەن Angelababy ئىرادە قىلىپ قانۇن قۇرالىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولدى. ئالاقىدار سودىيە ۋە ۋاكالەتچى ئادۋوكاتنىڭ تەكلىپى بىلەن Baby نوپۇزلۇق داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ يۈز باھالاشنى قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلدى، ھەمدە ئالاقىدار دوكلاتنى ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ئىسپاتى قىلماقچى بولدى. 15-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە، Angelababy جۇڭگو مېدىتسىنا پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەكىل تۈزەش خىرۇرگىيىسى دوختۇرخانىسىگە كىلىپ يۈز قىسىم تەكشۈرۈشنى ئېلىپ باردى. شۇ كۈنى، Baby كۆز قىسمى، ئېغىز بوشلۇقى، باش TC، ئۈچ ئۆلچەملىك باشنى قايتا قۇرۇش، نورمال ئورۇنلۇق ياندىن، ئۈستۈنكى جاغ تۆۋەنكى جاغ ئەگرى يۈز ئۈزۈلمىسى قاتارلىق نەچچە تۈرنى تەكشۈردى. چۈش ۋاقتى سائەت 11دىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا ، باھالاش نەتىجىسى چىقتى، چى زولىياڭ باشلىق نەتىجىسىدىن - بىرلەپ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، Baby ھۆسن تۈزىمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى