باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا نېنى: كۇچانىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيەلىك ئىسىم كارتىسى

2015.10.16 10:45   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۇچا نېنى: كۇچانىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيەلىك ئىسىم كارتىسى

  ‹‹كۇچا چوڭ نان شەھىرى›› دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى

  نان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى، كۇچا نېنى تۇرپان ئۈزۈمى، قۇمۇل قوغۇنى، ئاقسۇ ئالمىسىغا ئوخشاش داڭلىق. ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرى كۇچا ناھىيەسىدىكى ‹‹كۇچا چوڭ نان شەھىرى››گە باردىم، ئالدى بىلەن كۆزۈمگە چېلىققىنى ئىشىك بېشىدىكى ئىنتايىن چوڭ ‹‹نان››لار بولدى. ‹‹كۇچا چوڭ نان شەھىرى››نىڭ نان يېقىش رايونىدا، بىر قانچە ئۇستام خېمىر يۇغۇرۇش، نان راسلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ناننىڭ ئۈستىگە تەڭشەپ تەييارلانغان خۇرۇجلارنى سېپىپ، چەككۈچ بىلەن گۈل چىقىرىپ، تونۇر بېشىدا تۇرغان ئۇستامغا ئېتىپ بېرىۋاتاتتى، ئۇستام ناننى گەزنىگە قويۇپ، ئەتراپىنى تەكشىلەپ، تونۇرغا يېقىۋاتاتتى. بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن مەززىلىك پىشقان نانلار تونۇردىن چىقتى. ‹‹تېتىپ بېقىڭە، مەن ياققان نان بەك مەززىلىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، يېسىڭىز ئاشقازانغا پايدىلىق›› دېدى ئەنۋەر ئۇستام نان ياققاچ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ. ئەنۋەر ئۇستام بۇ يىل 40 ياشتا بولۇپ، 14 يېشىدىن باشلاپ ناۋايلىقنى ئۆگىنىپ، 16 يېشىدىن باشلاپ ناۋايلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان ئىكەن، ناۋايلىق قىلىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بوپتۇ. ئەنۋەر ئۇستام تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا كۇچا نېنىنىڭ داڭقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىك كىشىلەر ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىپلا قالماستىن، يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ سېتىۋالىدىغان بولدى، ھەتتا بەزىلەر چەت ئەللەردىن تېلېفون ئارقىلىق زاكاز قىلىدۇ. ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولسىمۇ، لېكىن ساياھەتچىلەر يەنىلا كۆپ بولۇپ، ‹‹كۇچا چوڭ نان شەھىرى››نىڭ سېتىش رايونىدا نان سېتىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بىر خېرىدار: كۇچا نېنى مەززىلىك ھەم كۆركەم، بىرقانچىنى سېتىۋېلىپ ئىچكىرىدىكى دوستۇمغا ئەۋەتەي دەۋاتىمەن، دېدى. كۇچا ناھىيەسى ‹‹كۇچا نېنى›› ماركىسىنى يارىتىش ئۈچۈن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، 35 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ نان يېقىش رايونى، ئېكسكۇرسىيە رايونى، نان كۆرگەزمە رايونى، نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيى، ئۆزگىچە ئاددىي يېمەكلىك رايونى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ ‹‹كۇچا چوڭ نان شەھىرى››نى قۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى نان يېقىش رايونىدا بەش داڭلىق ناۋايخانا بولۇپ، نانلىرى ‹‹كۇچا نېنى›› ماركىسى بىلەن ئوخشاش ئوراپ قاچىلىنىپ سېتىلىدۇ. ئېكسكۇرسىيە رايونىدا ساياھەتچىلەر نان يېقىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى كۆرۈپ، كۇچا نېنى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تونۇشىدۇ. كۇچا ناھىيەسى ‹‹كۇچا چوڭ نان شەھىرى››نى كۇچانىڭ تاۋار نان يېقىش، سېتىش، توپ سېتىش بازىسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ۋە ساياھەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى، ھازىر ‹‹كۇچا نېنى›› كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيەلىك ئىسىم كارتىسى بولۇپ قالدى.

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ» دېگەن يالغان خەۋەر 
      ·2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10 - ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
      ·2016 - يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى»ئېلان قىلىندى شىنجاڭغا 617 سان بېرىلدى
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ
      ·جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئامېرىكا ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى
      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …