باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەركىزىي تىلۋىزىيە ئىستانسىسىدا چاقنىغان شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت جىلۋىسى

2015.10.14 15:06   مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي تىلۋىزىيە ئىستانسىسىدا چاقنىغان شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت جىلۋىسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن 30 قىسىملىق تېلېۋېزىيە تىياتىرى«يىپەك يولىدىكى رىۋايەت»14- ئۆكتەبىر كەچ سائەت 9دىن 1مىنۇت ئۆتكەندە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىر يۈرۈش ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، 15- ئۆكتەبىردىن باشلاپ ھەركۈنى كەچ 8دىن 5مىنۇت ئۆتكەندە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىر يۈرۈش ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۈندە ئىككى قىسىمدىن ئۇلاپ قويۇلىدۇ.

  بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى، دايې ئاخبارات ۋاستىلىرى گۇروھى شىركىتى، بېيجىڭ شىڭخېشېڭ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى، شىنجاڭ رادىئو-تېلۋىزىيە مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئىشلىگەن.ھازىرقى زامان داڭلىق بەيزۇ يازغۇچىسى جىڭ يى سېنارىست، فىلىم ئىشلىگۈچىلىكىنى، «قەدىمقى چاي يولى»، «بوياقخانا»، «كۇڭ فەنسىن» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى سۈرەتكە ئالغان ۋاڭ ۋىنجىيې رېژىسسور ئۈستىگە ئالغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10 - ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
      ·2016 - يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى»ئېلان قىلىندى شىنجاڭغا 617 سان بېرىلدى
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ
      ·جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئامېرىكا ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى
      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى