خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: كورلا شەھەر مائارىپ سېستىمىسى بويىچە ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 14-قېتىملىق (ۋالىبول) ۋاسكىتبول مۇسابىقە پائالىيتى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى كورلا شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئىگىلىنىشچە بۇ مۇسابىقە پائالىيىتى 18-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئاخىرلىشىدىكەن.سۈرەتتە: 12-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن كورلا شەھەر مائارىپ سېستىمىسى بويىچە ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 14-قېتىملىق (ۋالىبول) ۋاسكىتبول مۇسابىقە پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
مەنبە : خەلق تورى