خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 28-سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ۋە ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىرلىكتە ئېلان قىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، مارستىكى ئېدىرلىق ئۈستىدىكى «پەسىل خاراكتېرلىك يانتۇ سىزىق» مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدە سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بارلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 28-سېنتەبىر جاكارلىشىچە، مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدە سۇيۇق ھالەتتىكى ھەركەتچان سۇ بارلىقىنىڭ «كۈچلۈك دەلىلى»نى بايقىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ بۇ قىزىل رەڭلىك پىلانىتتا ھاياتلىق ئىزدىشى ئۈچۈن يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى