باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شېنجىن ئاۋىئاتسىيەسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر قىزى ــ مېھرىگۈل(1)

2015.09.29 11:34   مەنبە: خەلق تورى

شېنجىن ئاۋىئاتسىيەسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر قىزى ــ مېھرىگۈل(1)

  شېنجىن ئاۋىئاتسىيەسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر قىزى ــ مېھرىگۈلخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى): ئىچكىرىدە ئۆز غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار باشقىلارغا قارىغاندا مەيلى خىزمەت مەيلى تۇرمۇش جەھەتتىن بولسۇن ھەسسىلەپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە دىيارىمىزنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قالدۇرۇپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ كەلمەكتە. مانا مۇشۇ توپ ئىچىدە ئەرلەردەك شىجائەتلىك، پەرزەنتىگە بولغان سېغىنىشى، ئىنتىلىشى، مېھىر ـ مۇھەببىتىنى ئۆزىنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن بېسىپ، ئۆزىگە مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان قەيسەر ئانىلارمۇ ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، مېھرىگۈل دەل ئەنە شۇنداق ئانىلارنىڭ بىرى.

  مېھرىگۈل 2008-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شېنجىن ئاۋىئاتسىيەسىگە خىزمەتكە چۈشكەن، شېنجىن ئاۋىئاتسىيەسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر قىزى ئىدى. پاراڭ ئارىلىقىدا مەن مېھرىگۈلدىن قانداق قىلىپ ئايروپىلان كۈتكۈچىسى بولۇپ قالغانلىقىنى سورىغىنىمدا، مېھرىگۈل كۈلۈمسىرىگىنىچە، ئۆزىنىڭمۇ ئايرو خانقىزى بولۇپ قىلىشىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي بىر تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئەينى ۋاقىتتا مېھرىگۈلنىڭ ياتاقدىشى شېنجىن ئاۋىئاتسىيەسىگە ئىمتىھان بەرگىلى بېرىپ، لازىملىق نەرسىسىنى ئۇنتۇپ قالغان، مەيداندا توپ ئويناۋاتقان مېھرىگۈل تەنتەربىيە كىيىملىرى بىلەنلا دوستىنىڭ ماتېرىيالىنى ئاپىرىپ بەرگىلى بارغان، شۇ يەردىكى مۇلازىم ئۇنىمۇ كىرىپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرغان، مېھرىگۈل، بەرىبىر كەلگەندىن كېيىن، نەتىجە قانداقلا بولسۇن، بىر سىناپ باقمامدىمەن، دەپ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگەن، نەتىجىدە مېھرىگۈل تاللىنىپ، ئۇنىڭ دوستى تاللاشتىن چۈشۈپ قالغان.

  مېھرىگۈل خۇشئاۋاز، زىلۋا، كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان، چىرايىدىن ئاقكۆڭۈللۈكى چىقىپ تۇرىدىغان يېقىشلىق قىز بولۇپ، ئۇ ئايرو خانقىزى بولغان تۆت يىلدا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مېھرىگۈلنىڭ ئايروپىلاندا ئۇچۇش ۋاقتى ھەمىشە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە بولۇپ، تۆت يىل ئىچىدە بېرەر قېتىممۇ كېچىكىپ باقمىغان، بىرەر قېتىممۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، بىرەر قېتىممۇ ئۇچۇشتىن توختىتىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى خىزمەتداشلىرىنىڭ، رەھبەرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  مېھرىگۈلنىڭ چىرايى باشقا خىزمەتداشلىرى بىلەن ئوخشىمىغاچقا، ئايروپىلانغا چىققان كىشىلەر ئۇنى ناھايىتى ئاسانلا ئېسىدە تۇتۇۋالىدىغان بولۇپ «شىنجاڭ قىزى» چاقىرىدىكەن. مېھرىگۈل بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ سىزىپ ـ سەزمەي شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە كىشىلەرگە ياخشى بىر شىنجاڭ ئوبرازى قالدۇرۇشنىمۇ ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قاراپ ئۆزىگە بولغان تەلەپنى تېخىمۇ چىڭ قويغان.

  مېھرىگۈل ئادەتتە تاماقتىن ناھايىتى قىينىلىدىغان بولۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا مۇسۇلمانچە تاماق تاپالماي ئاچ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان. جاپالىق ئىشلەپ، يەنە ئازراق مېۋە ـ چىۋە ۋە تەييار چۆپلەر بىلەنلا قۇرساقنى ئەستەرلەپ داۋاملىق ئىشلەش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئىش ئەمەس، مېھرىگۈلنىڭ تاماقتىن بەك قىينالغانلىقىنى كۆرگەن شىركەت رەھبەرلىرىمۇ مېھرىگۈلنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە تىرىشقان. ئەزەلدىنلا باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى خالىمايدىغان مىھرىگۈل ئامال بار ئۆزى تاماق ئېلىۋىلىپ تاماق مەسىلىسىنى ئاساسەن ئۆزى ھەل قىلغان. مەن مېھرىگۈلدىن تاماقتا شۇنداق قىينىلىپسىز ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان لىنىيەلەرگە ئالمىشىپ كېتىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ دەپ سورىغاندا، مېھرىگۈل كۈلۈمسىرىگىنىچە، ئالماشماسلىق سەۋەبىنىڭ ئۆزى ئاشكارىلاشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان شەخسىي تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  مېھرىگۈل ھامىلدار بولۇپ تاكى ئالتە ئايغىچە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان، كېين ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئارام ئالغان ۋە قىزىنى يەڭگىپ، يېرىم ـ يىلدىن كېيىن نۇرغۇن ئىككىلىنىش ۋە قىيالماسلىقلارنى يېڭىپ قىزىنى ئانىسىنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ يەنە بېيجىڭغا قايتىپ كېىلىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

  مەن مېھرىگۈلدىن بۇندىن كىيىن يەنە ئۇچۇش پىلانى بار –يوقلىقىنى سورىغىنىمدا ئۇ ئەھۋالغا قارايدىغانلىقىنى، ئامال بار مەمۇرىي خىزمەتكە ئالمىشىۋىلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن ئاخىرىدا مېھرىگۈلگە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئائىلىسىگە بەخت تىلەپ زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم.

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …