خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:26-سېنتەبىر كەچتە مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى 2015-يىللىق «شان-شەرەپ» كۈزپەسىلللىك ياش ياش سەنئەتكارلار سەنئەت پائالىيىتىدىكى جۇاڭزۇ سازچىسى لېي يىڭنىڭ «ئۆزگىچە»مۇزىكا كېچىلىكى مىللىي تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇاڭزۇ يالغۇز تارلىق چالغۇسىنى ئورۇنلىغۇچى لېي يىڭ پۇختا چېلىش تېخنىكىسى، ئۆزگىچە چېلىش ئۇسۇلى بىلەن تاماشىبىنلارنى ساھىلدىكى كوكۇسزارلىققا، جەنۇبتىكى سۇ يۇرتىغا باشلاپ، يايلاقنىڭ مەردانىلىكىنى، چېگرا رايونلارنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى، كىروراننىڭ سىرلىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ سىرلىق كۈيىگە قۇلاق سېلىپ، تاماشىبىنلارنى بىر قېتىملىق«ئۆزگىچە» مۇزىكا سەپىرىگە باشلىدى.
مەنبە:خەلق تورى