باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

60 يىلغا مەدھىيە . شانلىق ئۆزگىرىش

شىنجاڭدا قانداق كادىرلار ئۆستۈرۈلۈپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ(3)

2015.09.22 16:52   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدا قانداق كادىرلار ئۆستۈرۈلۈپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ(3)

  جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر 2015-يىلى 30-ئىيۇن تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىگە مۇكاپات تارقاتتى.

  شىنجاڭچە ياخشى كادىرلارنى تەربىيەلەش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن 2013-يىلى 28-دېكابىر ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلققە كېرەكلىك ياخشى كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر شەرھلەپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان «ئېتىقادنى چىڭىتىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىش بېجىرىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشكە جۈرئەت قىلىش، پاك دىيانەتلىك بولۇش» يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلارنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ تۈپ قوللانمىسى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «ئۈچنى زىيان تارتقۇزماسلىق» ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياخشى كادىرلارغا قويغان تەلىپىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسى. باشتىن-ئاخىر «ئۈچنى زىيان تارتقۇزماسلىق» ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدا تايانغىلى بولىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىستىلى چىڭ، ھەر مىللەت ئامما ئىشىنىدىغان ياخشى كادىرلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىراقنى كۆرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە تۈزۈپ، كادىرلارنى ئاساسىي قاتلام 1-سېپىدىن بايقاش، تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تۆھپە قوشۇش، ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق» ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى، بۇنىڭ يۆنىلىشلىك رولى ۋە تەسىر قىلىش ئۈنۈمى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بولۇپمۇ يېزا-بازار كادىرلىرىنىڭ ئىلھامىنى قوزغاپ، ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

  بۇ يىل 21-ماي، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرىغا ئېچىلغان يىغىندا جان چۈنشيەن يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى كادىرلار. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار شىنجاڭچە ياخشى كادىر بولۇپ، تىرىشىپ سىياسىيدا كۈچلۈك، ئىقتىدارلىق، ئىستىلى دۇرۇس، ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچلۈك «تۆتتە كۈچلۈك كادىر» بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …