باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

60 يىلغا مەدھىيە . شانلىق ئۆزگىرىش

شىنجاڭدا قانداق كادىرلار ئۆستۈرۈلۈپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ(2)

2015.09.22 16:52   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدا قانداق كادىرلار ئۆستۈرۈلۈپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ(2)

  2014-يىلى ئاساسىي قاتلامدىن ئاپتونوم رايوندىكى تارماق، ئورۇنلارغا تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلار سۆھبەت يىغىنى 2015-يىلى 15-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. جاڭ چۈنشيەن يىغىندىن بۇرۇن تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  192 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا خىزمەتكە ئەۋەتىلدى

  «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق» ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىگە ئاساسەن، «دەرىجە ئاتلاپ» ئۆستۈرىدىغان ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ.

  2014-يىلى 10-ئاي، ئاپتونوم رايون مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تاللاپ ئىشقا قويۇش خىزمىتىنى يولغا قويدى، ئارتۇق نامزاتلىق تەكشۈرۈش، ئەلالىرىنى تاللاش، خىزمەتكە ئەۋەتىدىغان ئورۇننىڭ پارتكوم(پارتگۇرۇپپسى) كوللېكتىپ مۇزاكىرىلىشىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەستىقلاش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق تاللاپ ئىشقا قويۇلغان 192 مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ ھەممىسى خىزمەتكە چۈشتى. رەيھانگۈل مەمەت دەل مۇشۇ ئاساسىي قاتلامدىن ئاپتونوم رايونغا تاللاپ ئىشقا قويۇلغان 192 كادىرنىڭ بىرى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئىنتىزام، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى لى جيەننىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقىنىغا 15 يىل بولغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانغا تاللاپ ئىشقا قويۇلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، بۇنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچ خىل كادىرنى زىيان تارتقۇزماسلىق» ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدىن بولدى. ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە يۈزلەنگەن كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشتەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇنىڭ يۆنىلىشلىك رولى ۋە تەسىر قىلىش ئۈنۈمى روشەن بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۆسۈش يولىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقان كادىرلارغا ئۈمىد بېغىشلاپلا قالماستىن يەنە، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى كادىرلارنى تەربىيەلەيدىغان، چېنىقتۇرىدىغان مەنبەگە ئايلاندۇردى.

  2014-يىلى ئاساسىي قاتلامدىن ئاپتونوم رايوندىكى تارماق، ئورۇنلارغا تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلار سۆھبەت يىغىنى 2015-يىلى 15-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باشتىن-ئاخىر كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدا تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلامدا ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىن تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى بايراق تىكلەپ ئۈلگە بولۇش، تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلار تىرىشىپ شىنجاڭچە ياخشى كادىر بولۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …