باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئادىلجان ئابلىز غېجەك مۇزىكا كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.09.21 19:28   مەنبە: خەلق تورى

ئادىلجان ئابلىز غېجەك مۇزىكا كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (ئالىم) مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇھىم ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرىمىمىز قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ياش سەنئەتكارلار بويىچە «چۈشتىكى شىنجاڭ» ئۇيغۇر غېجەك ماھىرى ئادىلجان ئابلىز يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا كېچىلىكى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ 19:30 مىنۇت ئۆتكەندە مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  غېجەك مەكىت، ئاۋات، مارالبېشى، قەشقەر، يەكەن ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردا كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، يەنە دولان غەجىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غېجەك شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبىك ۋە تاتارلارنىڭ چالغۇسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئەلئىچى مۇزىكىلىرى ۋە كىلاسسىك مۇقام كۈيلىرىنى چېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان شىنجاڭدىكى ئۆزگىچە مىللىي چالغۇلارنىڭ بىرى.

  ئۇيغۇر غېجەك ماھىرى ئادىلجان ئابلىز مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى مىللىي ساز گۇرۇپپىسىنىڭ باش چالغۇچىسى، ماھىر غېجەكچى بولۇپ، دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك چالغۇ ئۇستىسى. غېجەك ئادىلجاننىڭ قولىدا خۇددىي سۆزلىيەلەيدىغان ھەم ناخشا ئېيتالايدىغان سازغا ئايلىنىدۇ، ئادىلجاننىڭ غېجىكى بىلەن بېيجىڭدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلۇغ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى بىلدى، «شىنجاڭ باھارى»دىن ھوزۇرلاندى، «نۇرغا تەلپۈنۈش» ئېلىپ كەلگەن قۇدرەتنى ھېس قىلدى، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر «ئاپتاپ تاشقورغاننى يورۇتتى»نىڭ سېھرىي ئۇدارى ۋە شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى.

  2004-يىلى 7-ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە خىزمەتكە كىرگەندىن بۇيان، ئادىلجان ئايرىم ھالدا «CCTV مىللىي سازلار تېلېۋىزور مۇسابىقىسى»نىڭ يېڭىچە گۇرۇپپا تۈرىدىكى ئالتۇن مۇكاپات قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇنرەك سارىيىدا رەئىس خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كېچىلىكىدە نومۇر ئورۇنلاپ رەھبەرلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  ئادىلجان كۆپ يىللاردىن بۇيان مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ «نادىر سەنئەتنى مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش»، «جۇڭخۇالىقلار بىر ئائىلە»، «زېمىن مېھرى» قاتارلىق جامائەتچىللىق ئويۇنىغا ئاكتىپ قاتناشتى، يەنە ئۆمەكنىڭ ھەرخىل زىيارەت ئويۇنىغا قاتنىشىپ 20گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندا زىيارەت ئويۇنى قويدى، چەتئەلدىكى مۇھاجىرلاردىن ھال سوراش ئويۇنىغا قاتنىشىپ، نۇرغۇن تۈرلۈك شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەندىن باشقا يەنە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، دۆلەت مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ «ئويۇن پائالىيىتىدە ئىپادىسى ئالاھىدە بولغانلىق مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ، «ئاسىيا گېزىتى»، «خەلقئارا گېزىتى»، «ئاسىيا مەركىزى» گېزىتلىرىدە باش خەۋەرگە چىقىرىلىپ تەشۋىق قىلىندى، ھەمدە «شىنجاڭ مىللىيچە چالغۇ-غېجەكنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگەن شەخس» نامىغا ئېرىشتى.

  22-سېنتەبىر ئۇيغۇر غېجەك ماھىرى ئادىلجاننىڭ «چۈشتىكى شىنجاڭ» يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا كېچىلىكى تاماشىبىنلارغا گۈزەل شىنجاڭ كۈيلىرىنى سۇنىدۇ، مۇزىكا كېچىلىكىدە تاماشىبىنلار غېجەك ئېلىپ كەلگەن تەسىرلىك ھەم نادىر ھېس-تۇيغۇلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …