خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-سېنتەبىر مەملىكەتلىك فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى ۋە 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى. شىنجاڭ مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ماھىرلار داۋاملىق ئېسىل ماھارەت كۆرسىتىپ، مۇز يۈزىدە ئۆزىنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىپ،13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى