خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- سېنتەبىر «كىم توپ شاھى»پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تولۇقسىزلار گورۇپپىسىى مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت4:30دا دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئۈرۈمچى3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق «كىم توپ شاھى»پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن ۋۇخەن12-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى قاتناشتى. مۇسابىقە كەسكىن ۋە جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. ئۈرۈمچى3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى گەرچە ئۆزتالانتىنى نامايان قىلىپ، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ،قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم تېخنىكىسى بىر قەدەر ياخشى، مۇداپىئەسى قاتتىق بولغانلىقتىن، ئاخىرىدا بىر نومۇر پەرق بىلەن قارشى تەرەپكە ئۇتتۇرۇپ قويدى.
گەرچە ئۈرۈمچى3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ،نۇرغۇن تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كىشىلەر ئۈرۈمچى3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى. (ئۆز مۇخبىرىمىز: مەرھابا ئەبەت ماقالىسى/ فوتوسى)
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى