خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بېيجىڭ ۋاقتى 10-سېنتەبر، ئالما شىركىتى كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، iPhone 6S ۋە iPhone 6S Plusنى ئېلان قىلدى. كۆرۈنۈشى iPhone 6 ،iPhone 6 Plusبىلەن لايىھەسى ئاساسەن ئوخشاش، پۈتۈنلەي يېڭى 7000 ئاليۇمىن بىرىكمىلىك ماتېرىيال ئېشلىتىلگەن، ھەمدە 3D Touch ئىقتىدارى بار ئىكەن. ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، iPhone 6S ۋە iPhone 6S Plus مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قىلغىلى بولىدىكەن 25-سېنتەبر رەسمى سېتىلىدىكەن. جۇڭگو تۇنجى تارقىتىلىش دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى