خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:3-نۆۋەتلىك جۇڭگو تيەنجىن خەلقئارا تىك ئۇچار ئايروپىلان كۆرگەزمىسى 9-سېنتەبردىن 13-سېنتەبرغىچە تيەنجىن كوڭگاڭ ئىقتىسادىي رايونىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. گەرچە كۆرگەزمە تېخى رەسمىي ئېچىلمىسىمۇ، لېكىن پات ئارىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىغان 19E تىپلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 19E تىپلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە سانائىتى خاربىن ئايروپىلان شىركىتى يېڭىدىن ياساپ چىققان يېنىك تىپلىق قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان. بۇ ئايروپىلانغا چۈشۈپ كېتىشقا بەرداشلىق بىرىدىغان ئايروپىلان گەۋدە قۇرۇلمىسى، ئوق ئۆتمەس چۈشۈپ كېتىشقا بەرداشلىق بىرىدىغان يېقىلغۇ ماي ساندۇقى ۋە ئورۇندۇق ئىشلىتىلگەن. تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ، بوشلۇقتىن-بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا, ئاۋىئاتسىيە راكېتا قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. ئاساسلىقى دۈشمەننىڭ تانكا ، برونىك, مۇستەھكەم ئىستىھكام قاتارلىق يەر يۈزىدىكى نىشانلىرىنى يوقىتىشقـا ماس كېلىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى