خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سېنتەبىردىكى قوبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئىگىز بولغانلىقتىن، باشقىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە قىياپىتىنى بىرقەدەر بالدۇر نامايەن قىلدى.
يىراقتىكى ئوت يېقىپ تاماق ئېتىۋاتقان چارۋىچى ئائىلىسى، كاتتا زىياپەتتىن يالغۇز بەھرىمان بولىۋاتقان تايچاق، پادىچى ئىتى، توپ-توپ بۇلۇپ ئوتلاۋاتقان قوي-كالىلار ۋە ئات بېقىۋاتقان ئۆسمۈر پادىچى، ئىللىق مەنزىرىلەر بىر گۈزەل رەسىمنى ھاسىل قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى