لاسادىكى ھەيۋەتلىك پوتالا سارىيى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) لاسا شەھىرى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ھەمدە شىزاڭچە بۇدداھ دىنىنىڭ مەركىزى. لاسا شەھىرى گوۋۇيۈەن تۇنجى تۈركۈمدە تەستىقلاپ ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە 24تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان پوتالا سارىيى بىلەن جوكاڭ ئىبادەتخانىسى ب د ت پەن-مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
1965-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان چاغدا لاسا شەھەر رايونىدا ئاران ئالتە يول بار ئىدى، شەھەر كۆلىمى ئاران ئۈچ كۋادرات كېلومېتىر كېلەتتى. 50يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق شەھەر قىياپىتىدە ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولدى. شەھەر رامىكىس تەدرىجىي قۇرۇلۇپ بولدى، شەھەر قۇرۇلۇش كۆلىمى 70.29كۋادرات كېلومېتىرغا يەتتى، شەھەردىكى يوللارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50يىل بۇرۇنقى نەچچە كېلومېتىردىن 241كېلومېتىرغا يەتتى. ئوتتۇرىچە ھەر 23كىشىگە بىردىن خۇسۇسىي ماشىنا توغرا كېلىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. ھازىر مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر- لاسا شەھىرى يېڭىچە قىياپەت بىلەن قارلىق ئېگىزلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى