خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 5-سېنتەبىر ساياھەتچىلەر بېلگىيە لۇۋېندا گۈللۈك گېلەمنى تاماشا قىلماقتا. شۇ كۈنى 120مىڭ تال بېگونىيە گۈلىدىن ياسالغان گۈللۈك گېلەم بېلگىيە پايتەختى بېريۇسىلنىڭ شەرقىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ شەھىرى لۇۋېن شەھەر مەركىزىدە نامايان بولدى. بېلگىيە گۈل دۆلىتى بولۇپ، بېگونىيە گۈلىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىلىش مىقتارىلا 60مىليون تالدىن ئاشىدۇ. بۇ گۈزەل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، بېلگىيەدە ھەر يىلى ئوخشىمىغان جايلاردا گۈللەر باش تېما قىلىنغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر جۈپ سانلىق يىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېريۇسىل مەيدانىدىكى گۈللۈك گېلەم ئەڭ داڭلىق.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى