خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: NASAنىڭ ئالەمدىن تارتقان يەر شارىنىڭ تۈرلۈك گۈزەل كەچلىك مەنزىرىلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. تورداشنىڭ تونۇشىچە، يۇقىرى بوشلۇقتىن تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر برازىلىيەنىڭ شەرقىي قىسمى، ئوتتۇرا شەرق يېرىم ئارىلى، ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىسمى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمى، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىي قىسمى، پارس قولتۇقى قاتارلىق جايلارنىڭ مەنزىرىلىرى ئىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى