خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەلىك كۈتۈپخانىنىڭ كوناشەھەر تارماق كۈتۈپخانىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۈتۈپخاننىڭ ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە كىتابنىڭ سانىنى 5200 پارچىگە ، گېزىت تۈرىنى 75 گە يەتكۈزۈپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنى جەلىپ قىلدى .ئىگىلىنىشچە ، بۇ كۈتۈپخانا بۇ يىل يىل بېشىدىن30- ئاۋغۇستقا قەدەر 2250 ئادەم / قېتىم ئوقۇرمەن ۋە كىتاب ئارىيەت ئالغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىپ ، شەھەر ئاھالىرىنىڭ مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرگەن .
سۈرەتتە: 30- ئاۋغۇست ئوقۇرمەنلەر ناھىيەلىك كۈتۈپخانىنىڭ كوناشەھەر تارماق كۈتۈپخانىسىدا كىتاب كۆرمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى